قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچ كۈندىن بۇيان نورۇز بايرىمىنى قۇتلىماقتا

2022-يىل 24-مارت admin 0

مەلۇمكى، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن بىر قاتاردا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئوتتۇز يىل داۋامىدا نورۇز بايرىمىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار بۇ بايرام داۋامىدا دۇنيادىن ئۆتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى، دوست-بۇرادەرلىرىنى، خولۇم-قوشنىلىرىنى ۋە باشقىلارنى ئەسلەپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلىش، مۇسىبەت بولغان ئۆيلەرنى پەتىلەش، شۇنداقلا ھەر قانداق ياخشى-سوۋابلىق ئىشلارنى قىلىش ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ مىللىي سەنئىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، تائاملىرىنى تەرغىب قىلىپ كەلمەكتە. لېكىن ئاخىرقى ئىككى يىل داۋامىدا دۇنياغا تارقالغان كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى مۇناسىۋىتى بىلەن باشقا مەملىكەتلەر قاتارىدا قازاقىستاندىمۇ نورۇز بايرىمىنى ئاممىۋىي رەۋىشتە نىشانلاش مەنئى قىلىنغان ئىدى. بۇ يىل ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىخەتەرلىك چارىلىرى يۇمشىتىلىپ، نورۇز بايرىمىنى نىشانلاش رۇخسەت قىلىندى. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بارلىق شەھەر ۋە يېزىلىرىدا يۇرت-جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرىنىڭ، [داۋامى…]

لاگېر شاھىتلىرىدىن تەۋسىيە: مىشېل باچېلېت خانىم خىتاينىڭ كۆرسەتكەنلىرىگىلا ئىشىنىپ كەلمەڭ

2022-يىل 24-مارت admin 0

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ خىتايدا جۈملىدىن ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇش تەلىپىگە قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. مۇبادا بۇ زىيارەت 5-ئايدا ئەمەلىيلەشسە، مىشېل باچېلېت 17 يىلدىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خىتاينى زىيارەت قىلغان تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ قالىدىكەن. مىشېل باچېلېت ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىق ۋەزىپىسىگە قويۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي يەنى 2018-يىلى سېنتەبىردە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى «قايتا-تەربىيەلەش» لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ تەكشۈرۈلۈشنى تەلەپ قىلغانىدى.

قەشقەردىكى «ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا سودا بازىرى» نېمە سەۋەبتىن چېقىلدى؟

2022-يىل 24-مارت admin 0

يېقىندا قەشقەر كونىشەھەر رايونىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىغا جايلاشقان، «قەشقەر ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا سودا بازىرى» نىڭ چېقىلىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى. خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا مەزكۇر بازارنىڭ چېقىلىشىغا ئالاقىدار سىنلار تورلاردا تارقىلىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان. «قەشقەر ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا سودا بازىرى» بولسا قويۇق ئۇيغۇرچە پۇراققا ئىگە بولۇپ،  كۆلىمى چوڭ ۋە تارىخىي ئۇزۇن بولغان قەشقەرنىڭ مەزكۇر  بازىرى قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئەڭ ئاۋاتلاشقانىدى.  كۆپلىگەن غەرب ۋە شەرق سەيياھلىرىمۇ  قەشقەردىكى بۇ بازارلارغا كەلگەن ۋە بۇ بازارلارنىڭ ئاۋات، گۈزەل ۋە ئۆزگىچىلىكى ھەققىدە خاتىرىلەر  قالدۇرغانىدى. قەشقەر قەدىمدىن تارتىپلا يىپەك يولىدىكى غەرب بىلەن شەرقنى تۇتاشتۇرىدىغان  مۇھىم ئۆتەڭ بولۇپ كەلگەن. لېكىن، [داۋامى…]

9-دېكابىر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى

2022-يىل 24-مارت admin 0

ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىگە جايلاشقان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلماقتا، دەپ ھۆكۈم چىقاردى. مەزكۇر سوت كوللېگىيەسى يەنە بۇ جىنايەتلەرگە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگو قاتارلىقلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.