ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسى پېلوسى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

2022-يىل 31-ئىيۇل admin-beg 0

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى يامانلىشىۋاتقان، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە بېرىش-بارماسلىقى قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، نەنسى پېلوسى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ تەيۋەن مەسىلىسىدىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن قوغداش كۈرىشىدە داۋاملىق ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. روشەن ئابباس خانىم بىلەن ئابدۇلھەكىم ئىدرىس رادىيومىزغا بەرگەن زىيارىتىدە بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئۇچرىشىش خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن جوۋ بايدېن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بىر كۈنگە، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە بارماسلىقىنى تەلەپ قىلىپ تەھدىت سېلىۋاتقان كۈنلەرگە توغرا كەلگەن بولۇپ، نەنسى پېلوسى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى [داۋامى…]

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرغانلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن!

2022-يىل 28-ئىيۇل admin-ekrem 0

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرغانلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن! خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى سۈكۈتتە تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، مۇسۇلمان جامائىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئىسلامنىڭ دۈشمىنى بولغان خىتايغا قارشى ھەرىكىتىنى باشلىماقتا! دۆلەت 11 شەھەردە 31 – ئىيۇل ئۆتكۈزىلىدىغان نامايىش ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىشتۇر. «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەست تۇر!» تەشكىلاتى ئورۇنلاشتۇرغان بۇ نامايىشقا دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىكى100 دىن ئارتۇق مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى ئىشتىراك قىلىدۇ. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىمۇ بۇ ھەرىكەتكە ئاۋاز قوشسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ئامېرىكا كونگرېسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى

2022-يىل 27-ئىيۇل admin-ekrem 0

26-ئىيۇل ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىدىن بابۇر ئىلچى، ئارسلان ھىدايەت، كلەمەنتايىن ۋە رۇشان ئابباسلار ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم سۇئوزى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر ئامېرىكا گىراجدانلىرى ۋە سىياسى پاناھلىق تىلىگۇچىلەرنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەتلەر ھالقىغان زىيانكەشلىكلىرىدىن قانداق قوغداش قاتارلىق مۇھىم مەزمۇنلار ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.