ھىندىستان سەپىرىدە بەلگىلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

2022-يىل 31-ئۆكتەبىر admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس 2022- يىلى 16- ئۆكتەبىردىن 22- ئۆكتەبىرگىچە ھىندىستاندا زىيارەتتە بولدى. بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا، ئۇ ھىندىستاندىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى، شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ داڭلىق تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلدى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ھىندۇنېزىيەدە پائالىيەت ئېلىپ باردى

2022-يىل 20-ئۆكتەبىر admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە ھىندۇنېزىيەنىڭ جاكارتا، مىدان ۋە باندۇڭ شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولدى. زىيارەت ئەسناسىدا، ئۇلار ھەر ساھەدىكى كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مالايسىيادا بىر قاتار ئۈنۈملۈك پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى

2022-يىل 12-ئۆكتەبىر admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇشۇ ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 9- كۈنىگىچە مالايسىيادا بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلغان بۇ بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئالدىن مۆلچەرلىگەندىن كۆپ ئۇتۇقلۇق بولدى. بۇ جەرياندا مەركىزىمىزنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس مالايسىيانىڭ ھەر ساھەسىدىكى كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. شۇنداقلا مالايسىيادىكى مۇناسىۋەتلىك جەمئىيەت ۋە شەخسلەر بىلەن بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئ‍ېلىپ بېرىپ، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى.

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى 73 يىللىق ئازاب-ئوقۇبىتى

2022-يىل 3-ئۆكتەبىر admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئاخبارات باياناتى 2022- يىلى 10- ئاينىڭ 01- كۈنى contact@uyghurstudy.org بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1949- يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىنىڭ 73- يىللىق خاتىرە كۈنى. ئۆتكەن 70 يىل مابەينىدە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى خىتاي كوممۇنسىت دائىرىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز باستۇرۇشىغا ئۇچراپ كەلدى.