شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار

2022-يىل 23-نويابىر admin-memettohti 0

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ كۈن تەرتىپىدىن چۈشمەي كەلدى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سياسەتلىرىنىڭ بىردىنلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشى دۇنيانىڭ دىققىتىنى بۇ رايونغا مەركەزلەشتۈردى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ دراماتىك ئۆزگىرىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھۇقۇق، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە كۆرىشىمۇ زور دەرىجىدە خەلقئارالاشتى. نەتىجىدە، ئۇيغۇرلار خەلقئارا سورۇنلارنىڭ ئاساسلىق تېمىسىغا ئايلاندى.

ۋاشىڭگتوندا بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى

2022-يىل 19-نويابىر admin-memettohti 0

يېقىنقى مەزگىللەردە مەيدانغا كەلگەن خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى يېڭى تەرەققىياتلار سەۋەبىدىن دۇنيانىڭ دىققىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن باشقا ياقلارغا بۇرۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ خىل ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى داۋاملىق ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بولغان تونۇشنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن  مۇشۇ ئاينىڭ 14- كۈنى ئ‍امېرىكا پارلامېنتىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. پارلامېنتتىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» تەرىپىدىن چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھەر ساھە كىشىلىرى قاتناشتى.

بېريۇسسېلدا «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2022-يىل 14-نويابىر admin-memettohti 0

مۇشۇ ئاينىڭ 9- ۋە 10- كۈنلىرى بىلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېل شەھىرىدە «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» مۇھاكىمە يىغىنى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە خەلقئارا «ھاسەنە» تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق ساھىبخانلىقىدا ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا 20 دەك دۆلەتتىن 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتنانشتى. يىغىن قاتناشچىلىرى سىياسەتچىلەر، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئۆلىمالار، ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان ھەر ساھەدىكى زاتلاردىن تەشكىللەندى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى بىلەن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى پورتۇگالىيەدە مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى

2022-يىل 6-نويابىر admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس 25- سىنتەبىردىن 29- سىنتەبىرگىچە پورتۇگالىيەنىڭ پايتەختى لىزبوندا بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. بۇ جەرياندا، ئۇلار پورتۇگالىيەدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.