مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا

2022-يىل 24-مارت admin 0

جاۋاب: مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ ھاياتى ۋە مۇجادىلە پائالىيەتلىرىنى مۇنداق بىرقانچە باسقۇچلارغا بۆلۈش مۇمكىن. ئۇ دەسلەپ ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بارغان. قوراللىق ئىنقىلاب غەلىبىگە ئېرىشەلمىگەندە گومىنداڭ پارلامېنتىدا سىياسىي كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇنىڭ خىتاي مەركىزىدىكى سىياسىي كۈرەشلىرى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندە، ئۇ قەلەم كۈرىشى بىلەن شۇغۇللانغان. ۋەتەن ئىچىدە كۈرەش قىلىش ئىمكانىيىتى قالمىغاندا بولسا، چەتئەللەردە دىپلوماتىك كۈرەش ئېلىپ بارغان. لېكىن ۋەتەن ۋە مىللەت يولىدا ھېچبىر زامان كۈرەش ئىرادىسىدىن قايتمىغان. مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ ئەنە ئاشۇ كۆپ قاتلاملىق كۈرەش تارىخىدا ئەدەبىي ئىجادىيەتمۇ مۇھىم بىر ۋاسىتە بولغان.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (1): نەسەبى ۋە جەمەت شەجەرەسى

2022-يىل 24-مارت admin 0

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئابىدە ئەسىرىدە يازغىنىدەك، 20-ئەسىرنىڭ تاڭ نۇرى باشقا مىللەتلەرنى ئويغاتقان، ئۇلارنى تەرەققىياتقا ۋە ئىلىم-پەنگە باشلىغان بىر مەزگىللەردە، «شەرقىي تۈركىستان خەلقى غەپلەت ئۇيقۇسىغا چۆمۈپ، تولىمۇ بىخۇتلىشىپ كەتكەن ئىدى». يەنە كېلىپ «شەرقىي تۈركىستاندا ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ئىگە زاتلار بارماق بىلەن سانىغۇدەك ئاز ئىدى». تاڭ يورۇشتىن بۇرۇنقى كېچە قاراڭغۇلۇقىغا ئوخشايدىغان مانا مۇشۇ زۇلمەتلىك دەۋردە، زىممىسىگە بۈيۈك بۇرچلار يۈكلەنگەن شەخس — مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا دۇنياغا كېلىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (6): تالىپلارنىڭ قەلبىدە ۋەتەن-مىللەت ئېڭىنى ئويغىتىش

2022-يىل 24-مارت admin 0

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدا ۋە «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق خاتىراتىدا تەكىتلىگىنىدەك، ئۇ تەخمىنەن 13 ياش ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا قەلبىنى ۋەتەن قايغۇسى داغلاشقا باشلىغان بىر خىيالچان بالا ئىدى. 1923-يىلى ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا خوتەن مەدرىسەلىرىدە مۇدەررىسلىك ھاياتىنى باشلىغىنىدا، ئۇنىڭ قەلبىنى يىللارچە داغلاپ كەلگەن ۋەتەن قايغۇسى لاۋۇلداپ يېنىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىللىق مۇدەررىسلىك ھاياتىدا ئۇ بىر تەرەپتىن تالىپلىرىنىڭ قەلبىگە ئىلىم-ھېكمەت نۇرىنى سىڭدۈرۈشكە تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن ۋەتەن-مىللەت تەقدىرىنىڭ باشقا بارلىق تەقەززالار ئىچىدىكى ئەڭ تەخىرسىز بۇرچ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇىدۇ. شۇڭىمۇ پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى تەكىتلىگەندەك، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا يېتىشتۈرگەن تالىپلارنىڭ خوتەن ئىنقىلابىدا ئاساسلىق ئەسكىرىي قوشۇننى ۋە [داۋامى…]