شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان ئاتالمىش مۇسۇلمان ئۆلىمالار ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى نەزەردىن ساقىت قىلدىمۇ؟

2023-يىل 11-يانۋار admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئاخبارات باياناتى 2023- يىلى 01- ئاينىڭ 10- كۈنى contact@uyghurstudy.org   بۇ ھەپتە، خىتاي رېجىمى ئالبانىيە، بەھرەيىن، بوسنىيە، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۈرىيە، تۇنىس ۋە كۇۋەيت… قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن بىر تۈركۈم مۇسۇلمان ئۆلىما ۋە ئاكادېمىكلارنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشنى يۆگەش ئۈچۈن ھازىرلىغان سەھنىلىرىنى زىيارەت قىلغۇزدى. ئەلۋەتتە، بۇ زىيارەت بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئۈچۈن قوزغىلىشىتىن تۇسۇش ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك ساختا ئۇچۇر تارقىتىش پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.زىيارەت جەريانىدا، خىتاي ئەمەلدارلىرى ساختا تەشۋىقات ۋە ئۇچۇرلىرىنى سەھنىدىكى كۆرۈنۈشلەرگە ئالدانغان مۇسۇلمان ۋەكىللەرنىڭ ئاغزىدىن تارقاتتى. خىتاينىڭ [داۋامى…]

مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىنغان دىنىي زىيانكەشلىكلەرگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىدۇ

2023-يىل 10-يانۋار admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئاخبارات باياناتى 2023- يىلى 01- ئاينىڭ 09- كۈنى contact@uyghurstudy.org   2022- يىلى 11- ئايدا، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلامىي ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە مەسچىتلەر ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشىغا قارشى ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىردى. بۇ چاقىرىق 2022- يىلى ئۆكتەبىردە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى مۇنازىرە قىلىش قارار لايىھىسى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن باشلانغان. ئەينى ۋاقىتتا، سومالىدىن باشقا مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەر قارار لايىھىسىگە قارشى بىلەت تاشلىغان ياكى  بىلەت تاشلاش ھۇقۇقىدىن ۋاز كەچكەن. مەزكۇر چاقىرىققا كانادانى ئاساس قىلغان ھالدا دۇنيادىكى 70 [داۋامى…]