ئىتالىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن

2022-يىل 3-ئاپرېل admin 0

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئىككەيلەن ئىتالىيە پايتەختى رىم شەھرىدە بىر قاتار پائالىيەتلەردە بولغان. ئۇلار ئامېرىكانىڭ رىمدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىتالىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا گۇۋاھلىق بەرگەن. گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا ئىتالىيە پارلامېنتى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەر قايسىي سىياسىي پارتىيەلەردىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىدىن سان گىئورگىئو فېدە، خون پىئېرو فاسسىنو، م پ پائولو فومەنتىنى ۋە سان لۇكىئو مالان قاتارلىق كىشىلەر ئىشتىراك قىلغان.