غەنى باتۇر
غەنى باتۇر ئابدۇسالام ئاۋۇت غەنى باتۇرنىڭ ئسمى ئابدۇغەنى مۇھەممەتباقى بولۇپ، 1901 – يىلى 5 – مايدا، ھازىرقى غۇلجا ناھىيەسىگە قاراشلىق قاش يېزىسىنىڭ تۇردىيۈزى مەھەللىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئابدۇغەنى ئۆسمۈر چاغلىرىدىن تارتىپلا ئاجايىپ زېرەك ۋە ئىشچان بالا بولۇپ يېتىلىدۇ. ئۇ گەرچە نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇيالمىغان بولسىمۇ، ئائىلىسىنىڭ ئىشلىرىغا جانكۆيەرلىك بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئېتىز – ئېرىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىگىلا ئېپى بار بولغاچقا، ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇراتتى. مەھەللىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقە ياكى چېلىشىشلاردا، ئۆز دېمەتلىكلىرىلا ئەمەس، ھەتتا ئۆزىدىن چۇڭلارمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيتتى. ئۇنىڭ داڭقى بارا – بارا يېزىغا، كېيىن پۈتۈن قاش ۋادىسىغا پۇر كېتىدۇ. ئابدۇغەنى بۇرۇتى ئەمدىلا خەت تارتقاندىن كېيىن، ئېيىقتەك تەمبەل يىگىتكە [داۋامى…]