ئانامغا مەكتۇب

2022-يىل 15-ئىيۇل admin-memettohti 0

ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەسسالامۇئەلەيكۇم قەدىرلىك ئۇز ئانام، ئارىمىزدىكى تېلىفون ئالاقىمىز سىزنىڭ 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 25- كۈنى ماڭا:«بالام، بۇندىن كېيىن بىزگە ھۆددەس تېلفون ئالماڭ.» دېگەن ئاخىرقى سۆزىڭىز بىلەن كېسىلگەنلىكىگە مانا بۈگۈن 1095 كۈن، يەنى توپ-توغرا 3 يىل بولدى. سىزنىڭ شۇ چاغدىكى ئاۋازىڭىز خۇددى سىز بىلەن ھازىرلا سۆزلەشكىنىمدىكىدەك ئېسىمدە. سىزنىڭ يىغا-زار قىلىشىڭىز ئېسىمدە. سىزنىڭ شۇنچىۋالا قورقۇپ كەتكەنلىكىڭىز ئېسىمدە. گەرچە شۇ چاغدا زادى نېمە بولغانلىقى ماڭا نامەلۇم بولسىمۇ ئەمما مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر زۇلۇمنىڭ ئائىلىمىزگە كەلگەنلىكى ئېنىق ئىدى. جېنىم ئانا، بىز 2001- يىلى گېرمانىيەدە كۆرۈشكەن ۋاقتىمىزدا سىز ماڭا بىر قانچە قېتىم: «بالام، بىز يەيدىغاننى يەپ بولدۇق، كۆرىدىغاننى كۆرۈپ بولدۇق. بىز ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايمىز. سىز تاللىغان [داۋامى…]

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشى ئىچىدە يەنە بىر قۇربان ھېيت

2022-يىل 9-ئىيۇل admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى 2022- يىلى 09- ئىيۇل Contact@uyghurstudy.org   بۈگۈن مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ خۇشاللىق كۈنى  قۇربان ھېيت. ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھېيتنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىنى تىلەيدۇ. بارچە ئازاب-ئۇقۇبەتلەرگە قارىماي دۇنيادىكى باشقا مۇسۇلمانلار قاتارىدا بىزمۇ بۇ كۈننى كۈتۈۋالدۇق. شۇنداق ئىكەن، ھېيتنىڭ كەلگىنى ئۈچۈن مەمنۇن بولۇشىمىز ۋە ئۇنى خۇشال ئۆتكۈزىشىمىز كېرەك. بىراق، ئايەم شاتلىقىغا چۆمۈپ كېتىپ، دۇنيادىكى ئېزىلگەن قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ. بولۇپمۇ، 70 يىلدىن بۇيان كوممۇنىست خىتاي رېجىمى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان، خۇسۇسەن دىنىي ئېتىقادى كوممۇنىست رېجىمنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ، 2017- يىلىدىن باشلاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى [داۋامى…]

زۇلۇمغا قارشى دەست تۇرۇش: ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ 13 يىللىقى

2022-يىل 5-ئىيۇل admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى 2022- يىلى 05- ئىيۇل Contact@uyghurstudy.org   بۈگۈن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرىگە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغىنىشىغا دەۋر بۆلگۈچ تەسىر كۆرسەتكەن  مۇھىم ۋەقە ئۈرۈمچى قەتلىئامىغا 13 يىل بولدى. 2009- يىلى 07- ئاينىڭ 05- كۈنى كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەركىپ تاپقان مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈرۈمچى كوچىلىرىغا تۆكۈلۈپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۇەن شەھىرىدىكى بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا بىگۇناھ ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ خىتاي ئىشچىلار تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە قارشى نامايىش قىلغانىدى. ئۇيغۇر ياشلىرى تېنچ نامايىش قىلىش ئارقىلىق شاۋگۇەن شەھىرىدىكى ۋەقەنى تەكشۈرۈپ چىقىشنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى. بىراق، خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ زوراۋانلارچە باستۇرۇشى بىلەن، بۇ تېنچ نامايىش قانلىق تۇقۇنۇشقا ئايلاندى. نەتىجىدە، خىتاي ساقچى [داۋامى…]