ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى لوندوندا بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى

2022-يىل 25-سېنتەبىر admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس 2022- يىلى 9- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە ئەنگلىيەنىڭ پاىتەختى لوندون شەھىرىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇلار 19- ۋە 20- سىنتەبىر كۈنلىرى لوندوندىكى «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەست تۇر» ھەرىكىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئورتاق ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلەر ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشتى.

ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق كۆرىشى» ناملىق ئىلمي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

2022-يىل 20-سېنتەبىر admin-memettohti 0

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەشكىللىشى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىس ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، 2022- يىلى 9- ئاينىڭ 17- ۋە 18- كۈنلىرى ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق كۆرىشى» ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى  ئېچىلدى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ب د ت نىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىدۇ

2022-يىل 2-سېنتەبىر admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى  ئاخبارات باياناتى 2022- يىلى 1- سىنتەبىر contact@uyghurstudy.org 2022- يىلى 8- ئاينىڭ 31- كۈنى ب د ت كىشىلىك ھۇقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئىشخانىسى ئۇزۇندىن بۇيان ئارقىغا تارتىپ كەلگەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايىي قىلمىشلىرى ھەققىدىكى  باھالاش دوكلاتىنى ئاخىرى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا «ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى قارا–قۇيۇق تۇتقۇن قىلىشلار خەلقئارالىق جىنايەتلەرنى، خۇسۇسەن ئىنسانىيلىققا قارشى تۇرۇش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە چىقىرىلدى. گەرچە دوكلاتتا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئېتىراپ قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان ۋەھشىيلىكلەر باھالاپ چىقىلغان. دوكلاتتا ئۇمۇمەن خىتايدا، خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستاندا دۆلەتنىڭ خەلقنىڭ دىنىي ھاياتىغا دەخلى–تەرۇز قىلغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى، بولۇپمۇ شەرقىي [داۋامى…]