مەسئۇت سابىرى بايقۇزى

2022-يىل 25-ئىيۇن admin-memettohti 0

  ھاشىر ۋاھىدى سابىت ئۇيغۇرى    مەسئۇت سەبرى بايقوزى   «ھەقىقەت ئېگىلىدۇ، سۇنمايدۇ» – خەلق ماقالى. 1 ئېلىمىزدە باشلانغان دېمۇكراتىيە ھەرىكىتى خەلقىمىزگە، ئۇلاردىن تارتىۋېلىنغان دېموكراتىك ھوقۇقلارنى قايتۇرۇپ بەرمەكتە. سۆز – مەتبۇئات ئەركىنلىكى بېرىپ، خەلقنىڭ ھەقىقەتنى ئېيتىشىغا، ئېيتقاندىمۇ ئاشكارا – تەلتۆكۈس ئېيتىشىغا ئىمكان يارىتىپ بەرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭىپ كەتكەن كونا كۆز قاراشلارنى، دوگما ئەقىدىلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، يېڭىچە تەپەككۇر قىلىشقا ئۆگەتمەكتە. بۇ مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلانغان خەلقىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈشىگە ۋە ھازىرىغا يېڭىچە نەزەر تاشلىماقتا. تارىخىي ۋەقەلەر بىلەن تارىخىي شەخسلەرگە يېڭىباشتىن باھا بەرمەكتە. قىسقىسى، خەلقىمىز ئۆزىنىڭ ئۆتمۈش تارىخىنى يېڭىباشتىن يازماقتا. بىز كېيىنكى يىللاردا، سىتالىن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ خەلققە قارشى جىنايەتلىرى ئاشكارىلىنىپ، تارىخنىڭ [داۋامى…]