
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ب د ت نىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىدۇ
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئاخبارات باياناتى 2022- يىلى 1- سىنتەبىر contact@uyghurstudy.org 2022- يىلى 8- ئاينىڭ 31- كۈنى ب د ت كىشىلىك ھۇقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئىشخانىسى ئۇزۇندىن بۇيان ئارقىغا تارتىپ كەلگەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايىي قىلمىشلىرى ھەققىدىكى باھالاش دوكلاتىنى ئاخىرى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا «ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى قارا–قۇيۇق تۇتقۇن قىلىشلار خەلقئارالىق جىنايەتلەرنى، خۇسۇسەن ئىنسانىيلىققا قارشى تۇرۇش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە چىقىرىلدى. گەرچە دوكلاتتا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئېتىراپ قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان ۋەھشىيلىكلەر باھالاپ چىقىلغان. دوكلاتتا ئۇمۇمەن خىتايدا، خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستاندا دۆلەتنىڭ خەلقنىڭ دىنىي ھاياتىغا دەخلى–تەرۇز قىلغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى، بولۇپمۇ شەرقىي [داۋامى…]