شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان ئاتالمىش مۇسۇلمان ئۆلىمالار ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى نەزەردىن ساقىت قىلدىمۇ؟
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئاخبارات باياناتى 2023- يىلى 01- ئاينىڭ 10- كۈنى contact@uyghurstudy.org بۇ ھەپتە، خىتاي رېجىمى ئالبانىيە، بەھرەيىن، بوسنىيە، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۈرىيە، تۇنىس ۋە كۇۋەيت… قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن بىر تۈركۈم مۇسۇلمان ئۆلىما ۋە ئاكادېمىكلارنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشنى يۆگەش ئۈچۈن ھازىرلىغان سەھنىلىرىنى زىيارەت قىلغۇزدى. ئەلۋەتتە، بۇ زىيارەت بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئۈچۈن قوزغىلىشىتىن تۇسۇش ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك ساختا ئۇچۇر تارقىتىش پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.زىيارەت جەريانىدا، خىتاي ئەمەلدارلىرى ساختا تەشۋىقات ۋە ئۇچۇرلىرىنى سەھنىدىكى كۆرۈنۈشلەرگە ئالدانغان مۇسۇلمان ۋەكىللەرنىڭ ئاغزىدىن تارقاتتى. خىتاينىڭ [داۋامى…]