شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان ئاتالمىش مۇسۇلمان ئۆلىمالار ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى نەزەردىن ساقىت قىلدىمۇ؟

2023-يىل 11-يانۋار admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئاخبارات باياناتى 2023- يىلى 01- ئاينىڭ 10- كۈنى contact@uyghurstudy.org   بۇ ھەپتە، خىتاي رېجىمى ئالبانىيە، بەھرەيىن، بوسنىيە، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۈرىيە، تۇنىس ۋە كۇۋەيت… قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن بىر تۈركۈم مۇسۇلمان ئۆلىما ۋە ئاكادېمىكلارنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشنى يۆگەش ئۈچۈن ھازىرلىغان سەھنىلىرىنى زىيارەت قىلغۇزدى. ئەلۋەتتە، بۇ زىيارەت بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئۈچۈن قوزغىلىشىتىن تۇسۇش ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك ساختا ئۇچۇر تارقىتىش پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.زىيارەت جەريانىدا، خىتاي ئەمەلدارلىرى ساختا تەشۋىقات ۋە ئۇچۇرلىرىنى سەھنىدىكى كۆرۈنۈشلەرگە ئالدانغان مۇسۇلمان ۋەكىللەرنىڭ ئاغزىدىن تارقاتتى. خىتاينىڭ [داۋامى…]

مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىنغان دىنىي زىيانكەشلىكلەرگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىدۇ

2023-يىل 10-يانۋار admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئاخبارات باياناتى 2023- يىلى 01- ئاينىڭ 09- كۈنى contact@uyghurstudy.org   2022- يىلى 11- ئايدا، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلامىي ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە مەسچىتلەر ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشىغا قارشى ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىردى. بۇ چاقىرىق 2022- يىلى ئۆكتەبىردە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى مۇنازىرە قىلىش قارار لايىھىسى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن باشلانغان. ئەينى ۋاقىتتا، سومالىدىن باشقا مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەر قارار لايىھىسىگە قارشى بىلەت تاشلىغان ياكى  بىلەت تاشلاش ھۇقۇقىدىن ۋاز كەچكەن. مەزكۇر چاقىرىققا كانادانى ئاساس قىلغان ھالدا دۇنيادىكى 70 [داۋامى…]

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى: ۋەھشىيلىكنىڭ يېڭى پەللىسى — ئۇيغۇرلارنى ئاچ قۇيۇش ۋە تىرىك كۆيدۈرۈش

2022-يىل 3-دېكابىر admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئاخبارات باياناتى 2022- يىلى 12- ئاينىڭ 01- كۈنى contact@uyghurstudy.org  شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتى يۈرىكىمىزنى لەختە قىلدى. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ھەر تۈرلۈك رەزىللىكلەرنى سادىر قىلغان، ئۇلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئارقىلىق يۇقاتقان، ئىسلام دىنىنى ئۇلارنىڭ ھاياتىدىن چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا جەڭ ئېلان قىلغان كوممۇنىست خىتاي رېجىمى ئەمدى يەنە بىر قەبىھ جىنايەت ئۆتكۈزدى. ئايلاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى «نۆل كوۋىد» سىياسىتى باھانىسى بىلەن ئۆيلىرىگە قاماپ، ئاچارچىلىققا دۇچار قىلغان خىتاي رېجىمى ئۈرۈمچىدە ئونلىغان كىشىلەرنىڭ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خىتاي رېجىمى كىشىلەرنىڭ ئ‍ۆيلىرىنى سېرتتىن قولۇپلاپ، ھەتتا ئوت كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ قېچىشىغا يول قويماي، 40 نەچچە ئۇيغۇرنىڭ [داۋامى…]

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى 73 يىللىق ئازاب-ئوقۇبىتى

2022-يىل 3-ئۆكتەبىر admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئاخبارات باياناتى 2022- يىلى 10- ئاينىڭ 01- كۈنى contact@uyghurstudy.org بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1949- يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىنىڭ 73- يىللىق خاتىرە كۈنى. ئۆتكەن 70 يىل مابەينىدە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى خىتاي كوممۇنسىت دائىرىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز باستۇرۇشىغا ئۇچراپ كەلدى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ب د ت نىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىدۇ

2022-يىل 2-سېنتەبىر admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى  ئاخبارات باياناتى 2022- يىلى 1- سىنتەبىر contact@uyghurstudy.org 2022- يىلى 8- ئاينىڭ 31- كۈنى ب د ت كىشىلىك ھۇقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئىشخانىسى ئۇزۇندىن بۇيان ئارقىغا تارتىپ كەلگەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايىي قىلمىشلىرى ھەققىدىكى  باھالاش دوكلاتىنى ئاخىرى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا «ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى قارا–قۇيۇق تۇتقۇن قىلىشلار خەلقئارالىق جىنايەتلەرنى، خۇسۇسەن ئىنسانىيلىققا قارشى تۇرۇش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە چىقىرىلدى. گەرچە دوكلاتتا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئېتىراپ قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان ۋەھشىيلىكلەر باھالاپ چىقىلغان. دوكلاتتا ئۇمۇمەن خىتايدا، خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستاندا دۆلەتنىڭ خەلقنىڭ دىنىي ھاياتىغا دەخلى–تەرۇز قىلغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى، بولۇپمۇ شەرقىي [داۋامى…]

30 مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ دىپلۇماتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغانلىقى توغرىسىدا

2022-يىل 13-ئاۋغۇست admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى  ئاخبارات باياناتى 2022- يىلى، 12- ئاۋغۇست contact@uyghurstudy.org ئۆتكەن ھەپتە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكى 30 مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ دىپلۇماتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلماقچى بولدى. خىتاي رېجىمى يەنە تۈركىيەنىمۇ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇسى CGTN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەكىللەر «بۇ رايون  بىلەن بولغان ئۆزئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشقان». خەۋەردە يەنە ئالجېرىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسىنىڭ «بۇ يەرنىڭ مىۋىسى بەك تاتلىقكەن، خەلقنىڭ تۇرمۇشىمۇ بەك ياخشىكەن» دېگەن سۆزلىرى نەقىل قىلىنغان بولۇپ، بۇ باش ئەلچىىنىڭ «ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھەق–ھۇقۇقلىرىنىڭ ياخشى قوغدىلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقىي [داۋامى…]

«ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەست تۇر» ھەرىكىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى

2022-يىل 3-ئاۋغۇست admin-memettohti 0

  ئاخبارات باياناتى 2022- يىلى 2- ئاۋغۇست Contact@uyghurstudy.org   2022- يىلى 07- ئاينىڭ 31- كۈنى  لوندون، مانچېستېر، ئېدىنبۇرگ، ۋاشىنگتون، تورونتو، سىدنىي، مېلبورن، برىسبان، ئوكلەند، يۇھاننىسبۇرگ ۋە ئىستانبۇل … قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى  شەھەرلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئۇيغۇرلارنى قوللاش ۋە خىتاي كوممۇنىستىك رېجىمىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەست تۇر» ناملىق خەلقئارالىق نامايىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشلاردىن بىر كۈن بۇرۇن، يەنى 29- چىسلا جۈمە كۈنى خەلقئارا خۇتبە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەت جەريانىدا، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، كانادا ۋە يېڭى زېللاندىيەدىكى نۇرغۇنىغان مەسچىتلەردە جامائەتلەرگە مەخسۇس ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى يەتكۈزۈلدى. خەلقئارا خۇتبە [داۋامى…]

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشى ئىچىدە يەنە بىر قۇربان ھېيت

2022-يىل 9-ئىيۇل admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى 2022- يىلى 09- ئىيۇل Contact@uyghurstudy.org   بۈگۈن مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ خۇشاللىق كۈنى  قۇربان ھېيت. ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھېيتنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىنى تىلەيدۇ. بارچە ئازاب-ئۇقۇبەتلەرگە قارىماي دۇنيادىكى باشقا مۇسۇلمانلار قاتارىدا بىزمۇ بۇ كۈننى كۈتۈۋالدۇق. شۇنداق ئىكەن، ھېيتنىڭ كەلگىنى ئۈچۈن مەمنۇن بولۇشىمىز ۋە ئۇنى خۇشال ئۆتكۈزىشىمىز كېرەك. بىراق، ئايەم شاتلىقىغا چۆمۈپ كېتىپ، دۇنيادىكى ئېزىلگەن قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ. بولۇپمۇ، 70 يىلدىن بۇيان كوممۇنىست خىتاي رېجىمى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان، خۇسۇسەن دىنىي ئېتىقادى كوممۇنىست رېجىمنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ، 2017- يىلىدىن باشلاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى [داۋامى…]

زۇلۇمغا قارشى دەست تۇرۇش: ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ 13 يىللىقى

2022-يىل 5-ئىيۇل admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى 2022- يىلى 05- ئىيۇل Contact@uyghurstudy.org   بۈگۈن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرىگە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغىنىشىغا دەۋر بۆلگۈچ تەسىر كۆرسەتكەن  مۇھىم ۋەقە ئۈرۈمچى قەتلىئامىغا 13 يىل بولدى. 2009- يىلى 07- ئاينىڭ 05- كۈنى كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەركىپ تاپقان مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈرۈمچى كوچىلىرىغا تۆكۈلۈپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۇەن شەھىرىدىكى بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا بىگۇناھ ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ خىتاي ئىشچىلار تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە قارشى نامايىش قىلغانىدى. ئۇيغۇر ياشلىرى تېنچ نامايىش قىلىش ئارقىلىق شاۋگۇەن شەھىرىدىكى ۋەقەنى تەكشۈرۈپ چىقىشنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى. بىراق، خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ زوراۋانلارچە باستۇرۇشى بىلەن، بۇ تېنچ نامايىش قانلىق تۇقۇنۇشقا ئايلاندى. نەتىجىدە، خىتاي ساقچى [داۋامى…]