خەۋەرلەر
ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ
Balasaghunning orni meslisi heqqide
جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر كۈلتۈرىنى قوغداش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر كۈلتۈرىنى قوغداش ھەققىدىكى تۇنجى قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 9- ۋە 10- كۈنلىرى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ۋاشىڭگتوندا بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى
يېقىنقى مەزگىللەردە مەيدانغا كەلگەن خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى يېڭى تەرەققىياتلار سەۋەبىدىن دۇنيانىڭ دىققىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن باشقا ياقلارغا بۇرۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ خىل ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى داۋاملىق ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بولغان تونۇشنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇ ئاينىڭ 14- كۈنى ئامېرىكا پارلامېنتىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. پارلامېنتتىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» تەرىپىدىن چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھەر ساھە كىشىلىرى قاتناشتى.
بېريۇسسېلدا «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
مۇشۇ ئاينىڭ 9- ۋە 10- كۈنلىرى بىلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېل شەھىرىدە «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» مۇھاكىمە يىغىنى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە خەلقئارا «ھاسەنە» تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق ساھىبخانلىقىدا ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا 20 دەك دۆلەتتىن 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتنانشتى. يىغىن قاتناشچىلىرى سىياسەتچىلەر، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئۆلىمالار، ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان ھەر ساھەدىكى زاتلاردىن تەشكىللەندى.
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى بىلەن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى پورتۇگالىيەدە مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس 25- سىنتەبىردىن 29- سىنتەبىرگىچە پورتۇگالىيەنىڭ پايتەختى لىزبوندا بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. بۇ جەرياندا، ئۇلار پورتۇگالىيەدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.
ھىندىستان سەپىرىدە بەلگىلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس 2022- يىلى 16- ئۆكتەبىردىن 22- ئۆكتەبىرگىچە ھىندىستاندا زىيارەتتە بولدى. بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا، ئۇ ھىندىستاندىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى، شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ داڭلىق تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلدى.
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ھىندۇنېزىيەدە پائالىيەت ئېلىپ باردى
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە ھىندۇنېزىيەنىڭ جاكارتا، مىدان ۋە باندۇڭ شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولدى. زىيارەت ئەسناسىدا، ئۇلار ھەر ساھەدىكى كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
مالايسىيادا بىر قاتار ئۈنۈملۈك پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇشۇ ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 9- كۈنىگىچە مالايسىيادا بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلغان بۇ بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئالدىن مۆلچەرلىگەندىن كۆپ ئۇتۇقلۇق بولدى. بۇ جەرياندا مەركىزىمىزنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس مالايسىيانىڭ ھەر ساھەسىدىكى كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. شۇنداقلا مالايسىيادىكى مۇناسىۋەتلىك جەمئىيەت ۋە شەخسلەر بىلەن بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى.
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى لوندوندا بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس 2022- يىلى 9- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە ئەنگلىيەنىڭ پاىتەختى لوندون شەھىرىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇلار 19- ۋە 20- سىنتەبىر كۈنلىرى لوندوندىكى «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەست تۇر» ھەرىكىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئورتاق ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلەر ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشتى.