ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسى پېلوسى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

2022-يىل 31-ئىيۇل admin-beg 0

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى يامانلىشىۋاتقان، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە بېرىش-بارماسلىقى قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، نەنسى پېلوسى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ تەيۋەن مەسىلىسىدىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن قوغداش كۈرىشىدە داۋاملىق ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. روشەن ئابباس خانىم بىلەن ئابدۇلھەكىم ئىدرىس رادىيومىزغا بەرگەن زىيارىتىدە بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئۇچرىشىش خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن جوۋ بايدېن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بىر كۈنگە، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە بارماسلىقىنى تەلەپ قىلىپ تەھدىت سېلىۋاتقان كۈنلەرگە توغرا كەلگەن بولۇپ، نەنسى پېلوسى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى [داۋامى…]