ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى: ۋەھشىيلىكنىڭ يېڭى پەللىسى — ئۇيغۇرلارنى ئاچ قۇيۇش ۋە تىرىك كۆيدۈرۈش

2022-يىل 3-دېكابىر admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئاخبارات باياناتى 2022- يىلى 12- ئاينىڭ 01- كۈنى contact@uyghurstudy.org  شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتى يۈرىكىمىزنى لەختە قىلدى. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ھەر تۈرلۈك رەزىللىكلەرنى سادىر قىلغان، ئۇلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئارقىلىق يۇقاتقان، ئىسلام دىنىنى ئۇلارنىڭ ھاياتىدىن چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا جەڭ ئېلان قىلغان كوممۇنىست خىتاي رېجىمى ئەمدى يەنە بىر قەبىھ جىنايەت ئۆتكۈزدى. ئايلاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى «نۆل كوۋىد» سىياسىتى باھانىسى بىلەن ئۆيلىرىگە قاماپ، ئاچارچىلىققا دۇچار قىلغان خىتاي رېجىمى ئۈرۈمچىدە ئونلىغان كىشىلەرنىڭ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خىتاي رېجىمى كىشىلەرنىڭ ئ‍ۆيلىرىنى سېرتتىن قولۇپلاپ، ھەتتا ئوت كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ قېچىشىغا يول قويماي، 40 نەچچە ئۇيغۇرنىڭ [داۋامى…]

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار

2022-يىل 23-نويابىر admin-memettohti 0

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ كۈن تەرتىپىدىن چۈشمەي كەلدى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سياسەتلىرىنىڭ بىردىنلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشى دۇنيانىڭ دىققىتىنى بۇ رايونغا مەركەزلەشتۈردى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ دراماتىك ئۆزگىرىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھۇقۇق، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە كۆرىشىمۇ زور دەرىجىدە خەلقئارالاشتى. نەتىجىدە، ئۇيغۇرلار خەلقئارا سورۇنلارنىڭ ئاساسلىق تېمىسىغا ئايلاندى.

ۋاشىڭگتوندا بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى

2022-يىل 19-نويابىر admin-memettohti 0

يېقىنقى مەزگىللەردە مەيدانغا كەلگەن خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى يېڭى تەرەققىياتلار سەۋەبىدىن دۇنيانىڭ دىققىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن باشقا ياقلارغا بۇرۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ خىل ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى داۋاملىق ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بولغان تونۇشنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن  مۇشۇ ئاينىڭ 14- كۈنى ئ‍امېرىكا پارلامېنتىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. پارلامېنتتىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» تەرىپىدىن چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھەر ساھە كىشىلىرى قاتناشتى.

بېريۇسسېلدا «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2022-يىل 14-نويابىر admin-memettohti 0

مۇشۇ ئاينىڭ 9- ۋە 10- كۈنلىرى بىلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېل شەھىرىدە «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» مۇھاكىمە يىغىنى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە خەلقئارا «ھاسەنە» تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق ساھىبخانلىقىدا ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا 20 دەك دۆلەتتىن 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتنانشتى. يىغىن قاتناشچىلىرى سىياسەتچىلەر، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئۆلىمالار، ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان ھەر ساھەدىكى زاتلاردىن تەشكىللەندى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى بىلەن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى پورتۇگالىيەدە مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى

2022-يىل 6-نويابىر admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس 25- سىنتەبىردىن 29- سىنتەبىرگىچە پورتۇگالىيەنىڭ پايتەختى لىزبوندا بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. بۇ جەرياندا، ئۇلار پورتۇگالىيەدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.

ھىندىستان سەپىرىدە بەلگىلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

2022-يىل 31-ئۆكتەبىر admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس 2022- يىلى 16- ئۆكتەبىردىن 22- ئۆكتەبىرگىچە ھىندىستاندا زىيارەتتە بولدى. بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا، ئۇ ھىندىستاندىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى، شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ داڭلىق تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلدى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ھىندۇنېزىيەدە پائالىيەت ئېلىپ باردى

2022-يىل 20-ئۆكتەبىر admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە ھىندۇنېزىيەنىڭ جاكارتا، مىدان ۋە باندۇڭ شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولدى. زىيارەت ئەسناسىدا، ئۇلار ھەر ساھەدىكى كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مالايسىيادا بىر قاتار ئۈنۈملۈك پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى

2022-يىل 12-ئۆكتەبىر admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇشۇ ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 9- كۈنىگىچە مالايسىيادا بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلغان بۇ بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئالدىن مۆلچەرلىگەندىن كۆپ ئۇتۇقلۇق بولدى. بۇ جەرياندا مەركىزىمىزنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس مالايسىيانىڭ ھەر ساھەسىدىكى كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. شۇنداقلا مالايسىيادىكى مۇناسىۋەتلىك جەمئىيەت ۋە شەخسلەر بىلەن بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئ‍ېلىپ بېرىپ، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى.

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى 73 يىللىق ئازاب-ئوقۇبىتى

2022-يىل 3-ئۆكتەبىر admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئاخبارات باياناتى 2022- يىلى 10- ئاينىڭ 01- كۈنى contact@uyghurstudy.org بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1949- يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىنىڭ 73- يىللىق خاتىرە كۈنى. ئۆتكەن 70 يىل مابەينىدە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى خىتاي كوممۇنسىت دائىرىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز باستۇرۇشىغا ئۇچراپ كەلدى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى لوندوندا بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى

2022-يىل 25-سېنتەبىر admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس 2022- يىلى 9- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە ئەنگلىيەنىڭ پاىتەختى لوندون شەھىرىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇلار 19- ۋە 20- سىنتەبىر كۈنلىرى لوندوندىكى «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەست تۇر» ھەرىكىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئورتاق ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلەر ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشتى.