ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق كۆرىشى» ناملىق ئىلمي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

2022-يىل 20-سېنتەبىر admin-memettohti 0

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەشكىللىشى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىس ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، 2022- يىلى 9- ئاينىڭ 17- ۋە 18- كۈنلىرى ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق كۆرىشى» ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى  ئېچىلدى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ب د ت نىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىدۇ

2022-يىل 2-سېنتەبىر admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى  ئاخبارات باياناتى 2022- يىلى 1- سىنتەبىر contact@uyghurstudy.org 2022- يىلى 8- ئاينىڭ 31- كۈنى ب د ت كىشىلىك ھۇقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئىشخانىسى ئۇزۇندىن بۇيان ئارقىغا تارتىپ كەلگەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايىي قىلمىشلىرى ھەققىدىكى  باھالاش دوكلاتىنى ئاخىرى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا «ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى قارا–قۇيۇق تۇتقۇن قىلىشلار خەلقئارالىق جىنايەتلەرنى، خۇسۇسەن ئىنسانىيلىققا قارشى تۇرۇش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە چىقىرىلدى. گەرچە دوكلاتتا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئېتىراپ قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان ۋەھشىيلىكلەر باھالاپ چىقىلغان. دوكلاتتا ئۇمۇمەن خىتايدا، خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستاندا دۆلەتنىڭ خەلقنىڭ دىنىي ھاياتىغا دەخلى–تەرۇز قىلغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى، بولۇپمۇ شەرقىي [داۋامى…]

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھەرىكەتلىرى: كۆلەم، سۈپەت ۋە ئۈنۈم

2022-يىل 29-ئاۋغۇست admin-memettohti 0

مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا   ئاساسىي مەزمۇن   يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ۋەھشىيانە زۇلۇم-سىتەملىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىشى ۋە يۇقۇرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ جانلىنىشقا باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چىدىغۇسىز بېسىملىرىغا داۋاملىق سۈكۈت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى تۇنۇپ يەتكەن نۇرغۇن كىشىلەر تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە داۋا سېپىگە قۇشۇلۇپ، زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۆرەشكە ئاتلاندى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۆرەش سەپلىرىگە ئاكتىپ قېتىلىشى يىللاردىن بۇيانقى خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى پاسسىپ ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى. بۇ ماقالىدە، مۇشۇ مەزگىلدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى زۇلۇم ۋە قەتلىئامغا قايتۇرغان ئىنكاسلىرى، قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: خىتاي ھۆكۈمىتى، شەرقىي [داۋامى…]

30 مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ دىپلۇماتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغانلىقى توغرىسىدا

2022-يىل 13-ئاۋغۇست admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى  ئاخبارات باياناتى 2022- يىلى، 12- ئاۋغۇست contact@uyghurstudy.org ئۆتكەن ھەپتە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكى 30 مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ دىپلۇماتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلماقچى بولدى. خىتاي رېجىمى يەنە تۈركىيەنىمۇ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇسى CGTN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەكىللەر «بۇ رايون  بىلەن بولغان ئۆزئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشقان». خەۋەردە يەنە ئالجېرىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسىنىڭ «بۇ يەرنىڭ مىۋىسى بەك تاتلىقكەن، خەلقنىڭ تۇرمۇشىمۇ بەك ياخشىكەن» دېگەن سۆزلىرى نەقىل قىلىنغان بولۇپ، بۇ باش ئەلچىىنىڭ «ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھەق–ھۇقۇقلىرىنىڭ ياخشى قوغدىلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقىي [داۋامى…]

«ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەست تۇر» ھەرىكىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى

2022-يىل 3-ئاۋغۇست admin-memettohti 0

  ئاخبارات باياناتى 2022- يىلى 2- ئاۋغۇست Contact@uyghurstudy.org   2022- يىلى 07- ئاينىڭ 31- كۈنى  لوندون، مانچېستېر، ئېدىنبۇرگ، ۋاشىنگتون، تورونتو، سىدنىي، مېلبورن، برىسبان، ئوكلەند، يۇھاننىسبۇرگ ۋە ئىستانبۇل … قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى  شەھەرلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئۇيغۇرلارنى قوللاش ۋە خىتاي كوممۇنىستىك رېجىمىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەست تۇر» ناملىق خەلقئارالىق نامايىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشلاردىن بىر كۈن بۇرۇن، يەنى 29- چىسلا جۈمە كۈنى خەلقئارا خۇتبە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەت جەريانىدا، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، كانادا ۋە يېڭى زېللاندىيەدىكى نۇرغۇنىغان مەسچىتلەردە جامائەتلەرگە مەخسۇس ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى يەتكۈزۈلدى. خەلقئارا خۇتبە [داۋامى…]

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسى پېلوسى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

2022-يىل 31-ئىيۇل admin-beg 0

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى يامانلىشىۋاتقان، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە بېرىش-بارماسلىقى قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، نەنسى پېلوسى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ تەيۋەن مەسىلىسىدىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن قوغداش كۈرىشىدە داۋاملىق ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. روشەن ئابباس خانىم بىلەن ئابدۇلھەكىم ئىدرىس رادىيومىزغا بەرگەن زىيارىتىدە بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئۇچرىشىش خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن جوۋ بايدېن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بىر كۈنگە، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە بارماسلىقىنى تەلەپ قىلىپ تەھدىت سېلىۋاتقان كۈنلەرگە توغرا كەلگەن بولۇپ، نەنسى پېلوسى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى [داۋامى…]

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشى ئىچىدە يەنە بىر قۇربان ھېيت

2022-يىل 9-ئىيۇل admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى 2022- يىلى 09- ئىيۇل Contact@uyghurstudy.org   بۈگۈن مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ خۇشاللىق كۈنى  قۇربان ھېيت. ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھېيتنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىنى تىلەيدۇ. بارچە ئازاب-ئۇقۇبەتلەرگە قارىماي دۇنيادىكى باشقا مۇسۇلمانلار قاتارىدا بىزمۇ بۇ كۈننى كۈتۈۋالدۇق. شۇنداق ئىكەن، ھېيتنىڭ كەلگىنى ئۈچۈن مەمنۇن بولۇشىمىز ۋە ئۇنى خۇشال ئۆتكۈزىشىمىز كېرەك. بىراق، ئايەم شاتلىقىغا چۆمۈپ كېتىپ، دۇنيادىكى ئېزىلگەن قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ. بولۇپمۇ، 70 يىلدىن بۇيان كوممۇنىست خىتاي رېجىمى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان، خۇسۇسەن دىنىي ئېتىقادى كوممۇنىست رېجىمنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ، 2017- يىلىدىن باشلاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى [داۋامى…]

زۇلۇمغا قارشى دەست تۇرۇش: ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ 13 يىللىقى

2022-يىل 5-ئىيۇل admin-memettohti 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى 2022- يىلى 05- ئىيۇل Contact@uyghurstudy.org   بۈگۈن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرىگە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغىنىشىغا دەۋر بۆلگۈچ تەسىر كۆرسەتكەن  مۇھىم ۋەقە ئۈرۈمچى قەتلىئامىغا 13 يىل بولدى. 2009- يىلى 07- ئاينىڭ 05- كۈنى كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەركىپ تاپقان مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈرۈمچى كوچىلىرىغا تۆكۈلۈپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۇەن شەھىرىدىكى بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا بىگۇناھ ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ خىتاي ئىشچىلار تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە قارشى نامايىش قىلغانىدى. ئۇيغۇر ياشلىرى تېنچ نامايىش قىلىش ئارقىلىق شاۋگۇەن شەھىرىدىكى ۋەقەنى تەكشۈرۈپ چىقىشنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى. بىراق، خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ زوراۋانلارچە باستۇرۇشى بىلەن، بۇ تېنچ نامايىش قانلىق تۇقۇنۇشقا ئايلاندى. نەتىجىدە، خىتاي ساقچى [داۋامى…]

مەسئۇت سابىرى بايقۇزى

2022-يىل 25-ئىيۇن admin-memettohti 0

  ھاشىر ۋاھىدى سابىت ئۇيغۇرى    مەسئۇت سەبرى بايقوزى   «ھەقىقەت ئېگىلىدۇ، سۇنمايدۇ» – خەلق ماقالى. 1 ئېلىمىزدە باشلانغان دېمۇكراتىيە ھەرىكىتى خەلقىمىزگە، ئۇلاردىن تارتىۋېلىنغان دېموكراتىك ھوقۇقلارنى قايتۇرۇپ بەرمەكتە. سۆز – مەتبۇئات ئەركىنلىكى بېرىپ، خەلقنىڭ ھەقىقەتنى ئېيتىشىغا، ئېيتقاندىمۇ ئاشكارا – تەلتۆكۈس ئېيتىشىغا ئىمكان يارىتىپ بەرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭىپ كەتكەن كونا كۆز قاراشلارنى، دوگما ئەقىدىلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، يېڭىچە تەپەككۇر قىلىشقا ئۆگەتمەكتە. بۇ مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلانغان خەلقىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈشىگە ۋە ھازىرىغا يېڭىچە نەزەر تاشلىماقتا. تارىخىي ۋەقەلەر بىلەن تارىخىي شەخسلەرگە يېڭىباشتىن باھا بەرمەكتە. قىسقىسى، خەلقىمىز ئۆزىنىڭ ئۆتمۈش تارىخىنى يېڭىباشتىن يازماقتا. بىز كېيىنكى يىللاردا، سىتالىن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ خەلققە قارشى جىنايەتلىرى ئاشكارىلىنىپ، تارىخنىڭ [داۋامى…]

خىتاي ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە فرانسىيەدىكى مۇسۇلمانلارنى ئالداپ كەلگەن

2022-يىل 14-ئاپرېل admin 0

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى رۇشەن ئابباس خانىملار 12-ئاپرىل جەنۋەدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، فرانسىيە پايتەختى پارىژدىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىغان.