ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مۇنبىرى يىغىنىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم جازا لاگىرلىرى توغرۇلۇق دوكلات تەقدىم قىلماقتا.

2022-يىل 6-ئاپرېل admin 0

ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مۇنبىرى يىغىنىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم جازا لاگىرلىرى توغرۇلۇق دوكلات تەقدىم قىلماقتا.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەھبەرلىرىدىن رۇشەن ئابباس، ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلارنىڭ جەنۋەدىكى ب د ت دا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.

2022-يىل 5-ئاپرېل admin 0

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشان ئابباس خانىم ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلارنىڭ جەنۋەدىكى ب د ت ئىچىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچ كۈندىن بۇيان نورۇز بايرىمىنى قۇتلىماقتا

2022-يىل 24-مارت admin 0

مەلۇمكى، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن بىر قاتاردا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئوتتۇز يىل داۋامىدا نورۇز بايرىمىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار بۇ بايرام داۋامىدا دۇنيادىن ئۆتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى، دوست-بۇرادەرلىرىنى، خولۇم-قوشنىلىرىنى ۋە باشقىلارنى ئەسلەپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلىش، مۇسىبەت بولغان ئۆيلەرنى پەتىلەش، شۇنداقلا ھەر قانداق ياخشى-سوۋابلىق ئىشلارنى قىلىش ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ مىللىي سەنئىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، تائاملىرىنى تەرغىب قىلىپ كەلمەكتە. لېكىن ئاخىرقى ئىككى يىل داۋامىدا دۇنياغا تارقالغان كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى مۇناسىۋىتى بىلەن باشقا مەملىكەتلەر قاتارىدا قازاقىستاندىمۇ نورۇز بايرىمىنى ئاممىۋىي رەۋىشتە نىشانلاش مەنئى قىلىنغان ئىدى. بۇ يىل ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىخەتەرلىك چارىلىرى يۇمشىتىلىپ، نورۇز بايرىمىنى نىشانلاش رۇخسەت قىلىندى. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بارلىق شەھەر ۋە يېزىلىرىدا يۇرت-جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرىنىڭ، [داۋامى…]

لاگېر شاھىتلىرىدىن تەۋسىيە: مىشېل باچېلېت خانىم خىتاينىڭ كۆرسەتكەنلىرىگىلا ئىشىنىپ كەلمەڭ

2022-يىل 24-مارت admin 0

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ خىتايدا جۈملىدىن ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇش تەلىپىگە قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. مۇبادا بۇ زىيارەت 5-ئايدا ئەمەلىيلەشسە، مىشېل باچېلېت 17 يىلدىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خىتاينى زىيارەت قىلغان تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ قالىدىكەن. مىشېل باچېلېت ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىق ۋەزىپىسىگە قويۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي يەنى 2018-يىلى سېنتەبىردە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى «قايتا-تەربىيەلەش» لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ تەكشۈرۈلۈشنى تەلەپ قىلغانىدى.