ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق كۆرىشى» ناملىق ئىلمي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەشكىللىشى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىس ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، 2022- يىلى 9- ئاينىڭ 17- ۋە 18- كۈنلىرى ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق كۆرىشى» ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.