خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشى ئىچىدە يەنە بىر قۇربان ھېيت

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى

2022- يىلى 09- ئىيۇل

Contact@uyghurstudy.org

 

بۈگۈن مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ خۇشاللىق كۈنى  قۇربان ھېيت. ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھېيتنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىنى تىلەيدۇ. بارچە ئازاب-ئۇقۇبەتلەرگە قارىماي دۇنيادىكى باشقا مۇسۇلمانلار قاتارىدا بىزمۇ بۇ كۈننى كۈتۈۋالدۇق. شۇنداق ئىكەن، ھېيتنىڭ كەلگىنى ئۈچۈن مەمنۇن بولۇشىمىز ۋە ئۇنى خۇشال ئۆتكۈزىشىمىز كېرەك.

بىراق، ئايەم شاتلىقىغا چۆمۈپ كېتىپ، دۇنيادىكى ئېزىلگەن قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ. بولۇپمۇ، 70 يىلدىن بۇيان كوممۇنىست خىتاي رېجىمى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان، خۇسۇسەن دىنىي ئېتىقادى كوممۇنىست رېجىمنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ، 2017- يىلىدىن باشلاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئالاھىدە ياد ئېتىشكە توغرا كېلىدۇ. 

خىتاي دائىرىلىرى 2017- يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى كىڭەيتىپ، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشنى يولغا قويدى. چەتئەل بىلەن ئالاقە قىلىش لاگىرغا تۇتۇلۇشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار شۇنىڭدىن بۇيان ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن ئالاقە قىلالماي كەلدى. بۈگۈن ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇق-تۇققان، -دوست-بۇرادەرلىرىگە تېلېفۇن قىلىپ، «ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن» دېگەن گەپنىمۇ قىلالمايدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، شەرقىي تۈركىستاندا ھيېت نامىزى ئوقۇش خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن جىنايەت ھېسابلىنىدىغانلىقى، مەسچىتلەرگە بېرىپ ناماز ئوقۇغانلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا ئېلىپ كېتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى قۇربان ھېيتنى ئۆتكۈزەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى نۇرغۇنلىغان مەسچىتلەر يېقىپ تاشلاندى ياكى تاقىۋېتىلدى، پەقەتلا تەشۋىقات ئېھتىياجى يۈزىسىدىن ئاز ساندىكى مەسچىتلەر ئۇچۇق قالدۇرۇلدى. شۇ ۋەجىدىن، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىغا گول بولماسلىقىمىز كېرەك. ئالدىنقى يىللاردا ساختا ھېيت تەنتەنىسى كەيپىياتى يارىتىش ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى مەسچىتكە چىقىشقا تەشۋىق قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەرمۇ ئېلان قىلىنغان. 

مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئايەم پەقەت قايغۇ-ھەسرەت ئېلىپ كېلىدىغان كىىشلەرنى ئەسلا ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى باشقىلارنىڭ ئۆز ئائىلىسى بىلەن خۇشال ھېيت ئۆتكۈزۈشى ئۇلارغا يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا، تۈرمىلەرگە سۇلانغان ياكى مەجبۇرىي يۇقۇتۇۋېتىلگەن، ئۆلتۈرۈلگەن ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى ئەسلىتىدۇ. ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەن 900 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ھېيت ئۆتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاش ھەقىقەتەن ئازابلىق. ئىسلامنى «روھىي كىسەللىك» دەپ قارايدىغان خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى بۇ ئۇرۇشى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دىنىي كىملىكىنى ھەر قانداق بىر شەكىلدە ئىپادىلىيەلمەيدىغانلىقى، بالىلىرىغا دىنىي تەلىم-تەربىيە بىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس مۇنداق دەيدۇ: «قۇربان ھېيت قۇربانلىق بېرىش ۋە ئۆزىنى ئاتاشتىن دېرەك بېرىدۇ. خىتاي 1949- يىلى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھۆرلۈك، ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بەردى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشىنى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا ھەسسە قۇشۇشنىڭ ھەر خىل يوللىرى بار. ئۇلار نامازدا دۇئا قىلىش، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۇنۇتۇش، شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا سىياسىيونلارنى ۋە ھۆكۈمەتلەرنى سەپەرۋەر قىلىشتىن تارتىپ خىتاي رېجىمىغا قارشى تۇرۇشقىچە نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».  

ئاخىرىدا، ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىنىڭ كۆڭۈللۈك ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئازاب-ئۇقۇبەتلىرىنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىنى تىلەيمىز!

پىكرىڭىزنى يېزىڭ

ئىنكاس يېزىش

Your email address will not be published.


*